Uyghur主要词典
سالىھ ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ئاللانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى. قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ سەمۇد قەبىلىسىدىن. قوۋمىدىكىلەرگە بىر ئاللاغا ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا نەسھەت قىلسا، ئۇلار ئەجدادلىرى ئەمەل قىلغان مۇشرىكلىكتىن يانمىدى ھەمدە ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالىھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان چىشى تۆگىنى بوغۇزلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى (يەر تەۋرىدى)، ئۇلار ھالاك بولدى.