Uyghur主要词典
سالىن تېكىن دېلوسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۆڭكۈخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان دېلو كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سالىن تېكىن بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى (بەزىلەر ئۇكىسى دەيدۇ) بولۇپ، ئىدىقۇت شاھى بولغان. مۆڭكۈخاننىڭ 2 - يىلى (1252) ئۇنىڭ مۇسۇلمان قۇلى مەلۇم جۈمە كۈنى ئۇنىڭ بېشىبالىق ۋە ئىدىقۇتتىكى ھەممە مۇسۇلمانلارنى قىرىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئاۋۋال بېشىبالىقتا يۈزلەشتۈرۈلگەندە سالىن تېكىن ئىقرار قىلمىدى بۇ دېلو كېيىن ئىمپېرىيە مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. سالىن تېكىن قىيىن - قىستاققا چىدىماي ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. دەرھال بېشبالىققا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇكىسى ئوغۇل تېكىن بىلەن بىللە مەلۇم جۈمە كۈنى ئۆلتۈرۈلدى. تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دېلو موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا يان باسىدىغان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.