Uyghur主要词典
روندستېد
دۇنيا تارىخى
(1875 - 1953) فاشىست گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. كەسپىي ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1932-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى بولغان. 1938-يىلى ناتسىستلار قۇرۇقلۇق ئارمىيىىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. 1939-يىلى پولشىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا قايتىدىن ئىشلىتىلىپ، ئارمىيە قوماندانى بولغان. 1940-يىلى 5-ئايدا فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 7-ئايدا مارشال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1941-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 7-ئايدا مارشال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1941-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىلىرى گۇرۇھىغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلىنغان <چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش> بەربات بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1942-يىلى 3-ئايدا قايتىدىن غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىككى قېتىم قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن باشقا تاكى 1945-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانغا قەدەر مۇشۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، تۆت يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.