Uyghur主要词典
رومىنىيە ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
1849-يىلى 7-ئايدا رومىنىيە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ترانسىلۋانىيە رايونىدىكى رومىنىيە مىللىتىنىڭ مىللىي ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋېنگرىيە ئىنقىلابى بىلەن رومىنىيە ئىنقىلابىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمزالىغان يارىشىش كېلىشىمى. شۇ يىلى ئەتىيازدا رومىنىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلىرىدىن نىكولاي بىلىسېسكو قاتارلىق كىشىلەر ۋېنگرىيىگە بېرىپ، دېبرېسېندا كوشوت باشچىلىقىدىكى مازال (ۋېنگرىيىگە مىللىتىنىڭ نامى) ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سېگېتتا رومىنىيە - ۋېنگرىيە سۈلھ لايىھىسىگە ئىمزا قويغان. ئۇ جەمئىي 18 ماددا بولۇپ، <رومىنىيە خەلقىنىڭ مىللىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە رومىنىيە - مازال سىياسىي ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى پرىنسىپال بايانات>، رومىنىيىلىكلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان رايونلاردىكى مەمۇرىي ئورگانلار ۋە سوت مەھكىمىلىرى مىللىي تىلنى ئىشلىتىپ، رومىنىيە تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغان؛ دېھقانلارنىڭ بارلىق فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلىرىنى بىكار قىلغان؛ دېھقانلارنىڭ بارلىق فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، پومېشچىكلار قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن؛رومىنىيە ئىنقىلابىي ئارمىيىسى مازال قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ۋە چارروسىيە ئارمىيىسىگە قارشى تۇرغان. ۋېنگرىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغانلىقتىن، رومىنىيە - ۋېنگرىيە بىرلەشمە سېپى ئاخىر ۋۇجۇدقا چىقالمىغان.