Uyghur主要词典
رونكاگلىيە قارارى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فردرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) 1158-يىلى رونكاگالىيە (شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان) دە چاقىرغان يىغىندا ماقۇللانغان قارار. بۇ يىغىنغا گېرمان، ئىتالىيە فېئوداللىرى ۋە شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇ قارار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورىغا ئىتالىيىدە يەرلەرنى بۆلۈپ ئىنئام قىلىش، پۇل قۇيدۇرۇش، ئەدلىيە - سوت قىلىش ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمالىي ئىتالىيىدىكى شەھەرلەر لومباردىيە ئىتتىپاقىغا ئۇيۇشۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىۋاشتىن ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.