Uyghur主要词典
رومىنىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
رومىنىيىدىكى تۇنجى پرولېتارىيات پارتىيىسى 1893-يىلى 4-ئايدا بۇخارېستتا قۇرۇلغان. پارتىيە پروگراممىسىدا: ئومۇمىي سايلام، ھەقسىز مائارىپ، ئەر - ئاياللار سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتە باراۋەر بولۇش، يىغىلىش، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، ئىش تاشلاش قاتارلىق ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش، 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشلىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن پارتىيە پروگراممىسى ئىسلاھاتچىلىق نۇقتىئىنەزەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رومىنىيە ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشى بىرقەدەر ئىلغار مەملىكەتلەردىكى ئوخشاش تىپتىكى ئۆزگىرىشنى شەرت قىلىدۇ، دەپ ھېسابلاپ، پارتىيىنىڭ رولىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە پرولېتارىياتنى تەشكىللەش بىلەنلا چەلەپ قويۇپ، بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئىنقىلابىي كۈرەشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان. پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشچىلار سىنىپىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەلەپ كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى تەسىر كۈنسايىن ئۆسكەن. رەھبەرلىكنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇرژۇئا لبىرالىستلىرى ئاغمىىچلىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، 1899-يىلى ۋاقتىنچە تارقىتىۋېتىلگەن. 1910-يىلى 1-ئايدا قايتىدىن رومىنىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان.