Uyghur主要词典
رومان
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(فرانسۇزچە roman) سىغىمچانلىقى ئەڭ زور بولغان ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر خىلى، بايان خاراكتېردىكى ئەدەبىي بەدىئىي ئەسەر. رومان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن زىددىيەت، توقۇنۇشنى بايان قىلالايدۇ. بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش كارتىنىسى ۋە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، تالاي قاتىناشقۇچىلارنى گەۋدىكەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رومان ئەڭ چوڭ كومپوزىتسىيىگە ئىگە. قەھرىمانلارنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، رومان قەھرىمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. روماندا مۇرەككەپ ئىچكى بولغانلىغى ئۈچۈن، ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە بىر روماندا بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: شى نەنئەننىڭ «سۇ بويىدا»، ماۋدۇننىڭ «تۈن يانغاندا» ۋە قەييۇم تۇردىنىڭ «كۈرەشچان يىللار» قاتارلىق رومانلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
رومانلار ئۆزلىرى ئىپادلىگەن مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن ۋارىقى كۆپرەك. قېلىنراق بولۇپ قالسا ھېكايە بولىدۇ، دېيىش توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە، ھەجىم ئۇلارنىڭ ئىگەللىگەن ۋەقەلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق قاراش ماھىيەتلىك قاراش بولماستىن، نوقۇل شەكىلۋازلىق بولىدۇ. رومان شېئىرىي ئۇسۇلدىمۇ يېزىلىشى مۇمكىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدىئىي نەسىرىي ئەسەرلەر، ژانىرلار. بۇلار ھەجمى ۋە ۋەقەلىك تەسۋىرى بويىچە پەرق قىلىدۇ.
رومان - چوڭ ھەجىملىك، بايان خاراكتېرلىك بولىدۇ. شېئىرىي شەكىلدىمۇ بولىدۇ.
پوۋېست _ ئوتتۇرا ھەجىملىك، قىسسە خاراكتېرلىك كېلىدۇ.
ھېكايە _ كىچىك ھەجىملىك، سۇژىتى ئاد
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» دېگەن رومانى قايتا نەشىر قىلىندى. «قىيانلىق دەريا» ئەخەت تۇردىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان پوۋېستلىرىنىڭ بىرى. كېيىنكى يىللاردا بىر مۇنچە ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى. «نوۋىللا» بىزدە «مىكرو ھېكايە»، «بىر پەسلىك ھېكايە»، «بىر مىنۇتلۇق ھېكايە» دېگەن نام ۋە باشقا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
ئەدەبىيات
ھەجمى ككەپ سيۇژىتلىق، ئادەتتە پروزا شەكلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر.
>ئىز< رومانى بۈگۈنكى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى.