Uyghur主要词典
رومانوۋ سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
رۇس فېئودال خاندانلىقى(1613-1917). 1613-يىلى 1-ئايدا پۈتۈن روسىيە بويىچە ئەمەلدارلار يىغىنى چاقىرىلىپ، 2-ئايدا رومانوۋ جەمەتىدىكى مىخائىل فېيدوروۋىچ(1596-1645)چار پادىشاھلىقىغا سايلىنىپ، رومانوۋ خاندانلىقىنى باشلانغان. بۇ خاندانلىق ئىچكى جەھەتتە مۇتلەق پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، 1649-يىلى قانۇن ئېلان قىلىپ، ياچىلىق تۈزۈمىنى قانۇن شەكىلدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنى چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرغان، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە پومىشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، كەڭ يانچىلار ۋە ئەمگەكچى خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ ۋە ئېزىپ، رازىن قوزغىلىڭى، پۇگاچىۋ قوزغىلىڭى قاتارلىق كۆپ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ۋە خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىك سىياسىيىنى يولغا قويۇپ، ياۋروپاۋە ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كەڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ياۋروپا ۋە دۇنيازومىگەرلىكنى تالاشقان. ئەسىردىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى كاپىتالىستىك مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن پارچىلىنشقا باشلىغان. 1861-يىلى يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مونوپول كاپىتالىزم بىلەن فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى بىرلىشىپ، ھەربىي فېئودال جاھانگىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھ نىكولاي ئەخمەق ۋەزوراۋان بولۇپو، 1917-يىلدىكى فېۋرال بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.