Uyghur主要词典
رولان خانىم
دۇنيا تارىخى
(1754-1793)فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. نەققاش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياخشى تەربىيە كۆرگەن. 1780-يىلى رولان بىلەن توي قىلغان. 1791-يىلى پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان گىروندىچىلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سىياسەت بەلگىلىشىگە قاتنىشىپ، ھەرخىل ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، گىروندىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن ياكوبىنچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، 1793-يىلى 6-ئايدا قولغا ئېلىنىپ 11-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئەسەرلىرىدىن<ئەسلىمە>ۋ<خەت چەكلەر توپلىمىسى>قاتارلىقلار بار.