Uyghur主要词典
روللو
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 860-930) نورمانلارنىڭ يولباشچىسى، بىرىنچى ئەۋلاد نورماندىيە گېرتسوگى(911-تەخمىنەن 930). دېڭىز قاراقچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ئەنگلىيە، نېدىرلاندىيە ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلغان. مىلادى 911-يىلى فرانسىيە كورولى چارلېس بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان، چارلېس نورماندىيىنى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئايرىپ بېرىشكە قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن نورماندىيە كىنەزلىكى قۇرۇلغان؛ روللو ئۆزىنىڭ فرانسىيىنىڭ بېقىندىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە چارلېس نىڭ قىزى گىسېلانى خوتۇنلۇققائالغان، كېيىن نورماندىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان نورمانلار تەدرىجىي فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىشىنى ئۆگىنىپ، فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان.