Uyghur主要词典
رېننىن
بىئولوگىيە
سۈتنى ئۇيىتىدىغان ئېنزىم بولۇپ، موزاينىڭ تۆتىنچى قېرىنىدىن تېپىلغان. 1955 - يىلى Berridge موزاينىڭ بۆرە يېمەسىدىن كرىستاللانغان رېنىننى تەييارلىغان. 1957 - يىلى Fish ئۇنىڭ ئاقسىللارنى گىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم ئىكەنلىكىنى ئايرىغان. ئۇنىڭ مەخسۇسلۇقى پېپسىننىڭكىگە يېقىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ زىموگېنىمۇ پېپسىنوگېنغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، PH قىممىتى تۆۋەن بولغاندا ئاكتىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ. PH8.5 ناھايىتى تۇراقلىق بولىدۇ. بۇ ئېنزىمنىڭ ياسالمىلىرى پىشلاق تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.