Uyghur主要词典
رېنان
دۇنيا تارىخى
(1823 - 1892) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس، شەرق تىلشۇناس. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپ چېركاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان كېيىن فرانسىيە شۆيۈەنىگە كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1852-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1862-يىلى بىر مەھەل فرانسىيە شۆيۈەندىن ئىبرېي تىلى پروفېسسورى بولغان. 1863-يىلى <ئىيسا تەرجىمىھالى> نى ئېلان قىلغان. 1870-يىلى يەنە فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1883-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <سېمىت تىلى تارىخى ۋە ئۇنىڭ سېلىشتۇرما سىستېمىسى>، <خرىستىئان دىنىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى>، <ئىسرائىلىيە خەلقى تارىخى>.