Uyghur主要词典
رېمۇسات
دۇنيا تارىخى
(1788 - 1832) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1811-يىلى <جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە تىلى ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش> نى ئېلان قىلغان. 1814-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىدىن خەنزۇ تىلى لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. كېيىن <ئالىملار ژۇرنىلى> نىڭ تەھرىر بولغان. 1822-يىلى پارىژدا <ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى> نى قۇرغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ تۇنجى كاتىپى بولغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى خەنزۇ تىلى تەتقىقاتىنىڭ فرانسىيىدىكى ئەۋج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.