Uyghur主要词典
رېم ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
گىتلېر ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچىدىكى رېم باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنى تازىلىغان ۋەقە. ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئېسئاچىلاركاتتىبېشى رېم باشچىلىقىدا پارتىيە ئىچىدە ئۆكتىچى گۇرۇھنى تەشكىل قىلىپ، <ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب> بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، <25 ماددىلىق پروگرامما> نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. مونوپول كاپىتالىستلار مالىيە گۇرۇھىنىڭ يول كۆرسىتىشى ئاستىاد، گىتلېر ئۆكتىچى گۇرۇھتىكىلەر <سىياسىي ئۆزگىرىش> قىلماقچى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1934-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى رېم قاتارلىق ئېسئاچىلارنىڭ كاتتىباشلىرى ۋە ئۆكتىچى گۇرۇھتىكى باشقا كىشىلەردىن 1000 ئۆپچۆرىسىدىكى كىشىنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئاچىلارنىڭ ئورنىنى ئېسئېسچىلار ئىگىلىگەن.