Uyghur主要词典
رېفلېكسئولوگىيە
پسىخولوگىيە
بۇ روسىيە پىسخولوگىيسى بىلەن پاتولوگىيىلىك پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى بىر ئىلىمىي ئېقىم بولۇپ، ئۇنى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بېختېرىۋ (1857 - 1927) ئىجاد قىلغان، ئۇ روسىيىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، سېچېوۋنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن «بىرلەشمە رېفلېكس » ۋە پاتولوگىيلىك پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان. لېكىن ئۇ، ئادەمنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى بىلەن ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرى ئوخشاش، ھەممىسىلا رېفلېكىسلار يىغىندىسىدىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئاڭنى رېفلېكسئولوگىيىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن ھەمدە رېفلېكسئولوگىيىنى پىسخولوگىيىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان.