Uyghur主要词典
رېفلېكىس ياسى
پسىخولوگىيە
بۇ رېفلېكىس پائالىيىتىگە قاتناشقان نېرۋا يولىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ رېتسىپتور، مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا يولىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ رېتسىپتور، مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا، مەركىزى نېرۋا، مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ۋە ئېففېكتور قاتارلىق بەش ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ ئاددىي رېفلېكىس پەقەت مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نىۋرون بىلەن مەركەزدىن قاچقۇچى نېۋروندىنلا تەشكىل تاپقان بولىدۇ، لېكىن تولىسىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى ئىچىدە مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا بىلەن مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئارىلىقىدا بىر ياكى بىر قانچىلىغان ئارىلىق نېۋرون بولىدۇ، ئارىلىق نېۋرون تامامەن مەركەزدىن قاچقۇچى نېۋرونلارنىڭ ھۈجەيرە تېنىمۇ مەركەزىي نېرۋا سىستېمىسى ئىچىدە بولىدۇ. مۇشۇ نېۋرونلارنىڭ ئارىلىقىدىكى سىناپسىې جايلاشقان ئورۇندا ھەر قايسى رېفلېكسلارنىڭ رېفلېكس مەركىزى قۇرۇلىدۇ، تەبىئىي شارائىت ئاستىدا، رېفلېكس پائالىيىتى ئومۇمەن مۇكەممەل رېفلىكىس ياسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شەرتسىز رېفلېكسنىڭ رېفلېكس ياسى ئورگانىزم نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بار بولۇپ، ئۇ گىنېئالوگىيىلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئىرسىيەت ئارقىلىق مۇستەھكەملەنگەن قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. شەرتلىك رېفلېكسنىڭ رېفلېكس ياسى ئورگانىزمنىڭ ئىندىۋىدۇئال تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن. مۇشۇ كېيىن شەكىللەنگەن ھالقىلارنىڭ باغلىنىشى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشىدۇر.