Uyghur主要词典
رېفلېكس كۈچى قانۇنىيىتى
پسىخولوگىيە
بۇ رىتملىك غىدىقلىغۇچى سەزگۈ ئورگانغا تەسىر قىلغاندا، رىتىملىك ھەرىكەت رېئاكسىيىسى ھاسىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: ئاددىي رىتىملىك تاۋۇشنى ئاڭلىغاندا پۇت - قولىمىز ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ ياكى ساناشقا باشلايمىز، شۇنىڭ بىلەن تاۋۇشنى ئىككى ياكى تېخىمۇ جىق تاكتىكىلىق قىلىپ رىتملەشتۈرىمىز. غىدىقلىغۇچىقا بولغان رىتىملىك ھەرىكەت رېئاكسىيىسى ئىدراك ۋاقتىنى ئۇزارتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كىشىلەر بەدەننىڭ غىدىقلىغۇچقا قارىتا بولغان رىتىملىك ھەرىكىتىنى توختىتىشقا (تورمۇزلاشقا) ئۇرۇنسا، رىتىمنى ئەسلىگەندە خاتالىشىدۇ، ھەرىكەت ئانالىز توسالغۇ پەيدا بولسا، رىتىمنى ئىدراك قىلىش ياكى ئەسلىشىدە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. رىتىملىك غىدىقلىغۇچىنىڭ تەكرارلىنىش ئارىلىقى بەك قىسقا ياكى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك. رىتمنى ئىدراك قىلىشنىڭ ئوڭاي شەكىللىنىشى ئۈچۈن، غىدىقلىغۇچنىڭ تەكرارلىقى سېكونتىغا 8 - 0.6 قېتىم بولۇشى كېرەك. كىشى سېزىمى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق رىتىم مىنوتىغا 90 - 70 قېتىم بولۇشى يەنى سېكونتىغا 1.5 - 1.2 قېتىم بولۇشى كېرەك. رىتىمنى ئىدراك قىلىش سەنئەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇزىك، ئۇسسۇل، ناخشىلارنىڭ ھەممىسى رىتىم سېزىمىنى ئاساس قىلىدۇ. مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ رىتىملىك بولۇشى تەنھەرىكەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رىتىملىك ھەرىكەت ياخشى ماسلاشسا، ھەرىكەتكە كېتىدىغان ئېنېرگىيىنى جىق تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.