Uyghur主要词典
رېسپىگ
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1936) ئىتالىيە كومپوزىتورى. بولۇندا تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بولونىيە مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1900 - 1903-يىللىرى روسىيە سېن - پېتربۇرگ خانلىق تىياتىرى ئوركېستىرىدا بىرىنچى باس ئىسكىرىپكىچى بولغان ھەمدە رىمىسكى - كورسا كوۋدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. گۈزەللىك ئىستىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1913-يىلدىن تارتىپ ئۇزاققىچە رىمدىكى سان - سىسلا مۇزىكا شۆيۈەىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1923 - 1925-يىللىرى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1932-يىلى ئىتالىيە خانلىق شۆيۈەنىدە ئاكادېمىك بولغان. ئامېرىكىدىكى فلادېلفىيە، نيۇ - يورك، چىكاگو قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىمفونىيە شېئىرى <رىم بۇلىقى>، <ىرم قارىغىيى> ئەڭ مەشھۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېرا، بالېت، مۇزىكا ئەسەرلىرى بار. شۇنداقلا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇزىكانتى مونتېۋېردى (1567 - 1643) نىڭ ئەسەلىرىنى رەتلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان.