Uyghur主要词典
قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى
دۇنيا تارىخى
مىڭ كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيىدە گارىبالدى تەشكىللىگەن پىدائىيلار قوشۇنى. بۇ قوشۇن قىزىل كۆڭلەك كىيگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1860 - يىلى 4 ـ ئايدا سىتسىلىيە بوربون خاندانلىقىىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، گارىبالدى پېمونتدا پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان. بۇنىڭغا شىمالىي ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ستودېنتلار، ئەركىن كەسىپتىكىلەر، سودىگەرلەر ۋە باشقا ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ جەمئىي 1100 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان. 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گېنويىنىڭ كۇئارتو دېگەن يېرىدىن يولغا چىقىپ، ئالتە كۈندىن كېيىن سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي بۇرجىكىدىكى مارسالادىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يەرلىك قوزغىلاڭچى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، 7 - ئايدا سىتسىلىيە ئارىلىنى ئازاد قىلغان. 8 - ئايدا دېڭىزدىن ئۈتۈپ مېلىتودىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، نېئاپولغا يۈرۈش قىلغان، 9 - ئاينىڭ بېشىدا پادىشاھ فېردىناند Ⅱ قاچقان، ناپلېس ئازاد قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ، گارىبالدى قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئارمىيىنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلىنىپ قالغان.