Uyghur主要词典
قىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار ئىككى جىنىسنىڭ بىرى، بەدىنىدە ئانىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرەلەيدىغىنى.
ئەقىللىق، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال، قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوق مىسال. دىل ئارامى ياخشى بولسا گەر خوتۇن، يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممىلا قىز ياخشى بولسا، يامان خوتۇن نەدىن كەلدى؟ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىممەت.
قىز نەڭ _ قىممەت نەرسە. بۇ ئات قىز ئالدىم _ بۇ ئاتنى قىممەت ئالدىم.
1 - 426
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۆرە.
قىز قىرقىن _ چۆرىلەر.
1 - 427
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مەنىڭ قىزىم _ مېنىڭ قىزىم. ئەۋ قىزى _ ئۆي قىزى. يىنچكە قىز _ بويىغا يەتكەن قىز.
1 - 427
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىز قۇش _ كۆكتاغاق. ئادەمنىڭ ئۈستىگە قونىدىغاندەك پەس ئۇچىدىغان قۇش.
1 - 427
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىز كىشى _ بېخىل كىشى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىز كىشى ساۋى يورىغلى بولماس _ بېخىل كىشىنىڭ داڭقى چىقماس. بۇ ماقال كىشىلەرنى ياخشى نام چىقىرىپ شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن، سېخى بولۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
ئارغۇچە.
1 - 427
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىزىق، ئىسسىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، بالاغەتكە يەتسىمۇ تېخى توي قىلمىغان، ياتلىق بولمىغان ئايال.
قىز بالا.
ئايال جىنسىگە مەنسۇپ بولغان پەرزەنت (ئۆز ئاتا - ئانىسىغا نىسبەتەن).
قىز چىقارماق. قىز ئۇزاتماق.
قىزلارغا ياكى ياش جۇۋانلارغا نىسبەتەن مۇراجىئەت قىلىشتا؛ چاقىرىشتا ئىشلىتىلىپ، ھۆرمەت، ئەركىلىتىش، ئۆزىگە يېقىن تۇتۇش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
- قىزىم، سىز كىمنىڭ بالىسى بولىسىز؟ - دەپ سورىدى بوۋاي ھېلىقى جۇۋاندىن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قىز بالا