Uyghur主要词典
قىرىم خانلىقى
دۇنيا تارىخى
تاتارلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان فېئوداللىق دۆلەت قىرىم يېرىم ئارىلى ۋە دون دەرياسى، دېنپېر دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە يەر. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ چىققان. تەخمىنەن 1443 - يىلى، ھۆكۈمران ھاجى گىراي (1427 - 1466) ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن رەسمىي بۆلۈنۈپ چىقىپ، قىرىم خانلىقىنى قۇرغان. باغچە ساراينى پايتەخت قىلىپ بەلگىلىگەن. 1475 - يىلى تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1478 - يىلى تۈركىيىگە بويسۇنغان. 1480 - يىلى قىرىم خانى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1502 - يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى مۇنقەرز بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ موسكۋا كىنەزلىكىگە قارشى تۇرغان. 1774 - يىلى، روسىيە ئايال پادىشاھلى يىكاتىرىنا Ⅱ تۈركىيەنى قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلغان. 1783 - يىلى ئۇنى روسىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان.