Uyghur主要词典
قىرىققۇلاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىرىق + قۇلاق
ئىسىم
بوتانىكا
پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تاغلىق رايونلارنىڭ نەم، سايە ئورۇنلىرىدا ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن، يەر ئاستىدا توغرىسىغا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. يوپۇرمىقىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە سپورا خالتا دۆۋىلىرى بولىدۇ، سپورا ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. يۇمران يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، يىلتىزسىمان غولىدىن كراخمال ئېلىشقا بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار.