Uyghur主要词典
قىرىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سان
تۆت ئون .
قىرىق قاغىغا بىر تاش يېتەر (ماقال) . * قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ (ماقال) . بولمىسا قىرىقتا ئەقىل ۋە ئەدەب،
بولمايدۇ ئاتاشقا ئادەم دەپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قىرقىماق، قىرقىش. كېسىپ، قايچىلاپ، قىسقارتماق.
يۇڭ قىرقىماق. * پېيىنى قىرقىماق. * چاشقان كىيىمنى قىرقىۋېتىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان
ئوننىڭ تۆت قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان.
قىرىق ئادەم.
ئىسىمنىڭ Ⅲ شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنىڭ بىرلىكى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، تۇغۇلغان ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى قىرىقىنچى كۈننى بىلدۈرىدۇ.
قىرىقى توشماق. قىرىقنى قىلماق.