Uyghur主要词典
قىرىندى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى چېپىش، رەندىلەشتىن چىققان ئۇششاق ئوتۇن.
تارىشا ئوتنىڭ بېشى. خەشەك تىرىپ، ئوت ياق. ياغاچ قىرىندىلىرىنى زايە قىلماي. تۇتۇرۇق ئاسان تۇتۇشىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى قىرىش، رەختنى كېسىشتىن چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر،
«قىرىندى» ياغاچنى قىرغاندىن چىققان.
«قىيىق» رەخنى كەسكەندىن چىققان.
«كېسىك» ياغاچ، تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىلەرنى كەسكەندىن چىققان.
«پۇرۇچ» تېرىنى پىچقان، كەسكەندىن چىققان.
قىرىندىن قىزغانغانغا قارا. قىيىقتىن قۇراق چىقسا ئەجەب ئەمەس. كېسىك كېرەكلىك بولۇپ قالىدۇ. پۇرۇچتىن پوستەك چىقىپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىرىندا.
ھەر نەرسىنىڭ قىرىندىسى.
1 - 586
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىرىۋاتقاندەك كۆرۈندى.
ئول نەڭنى قىرىندى _ ئۇ بىر نەرسىنى قىرىۋاتقاندەك كۆرۈندى ( قىرىنۇر _ قىرىنماق).
2 - 220
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچ رەندىلىگەن ياكى دېتاللارنى ئىستانوكتا قىرغاندا چۈشكەن نېپىز پارچە نەرسىلەر.