Uyghur主要词典
قىزىل كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىدىكى پاكتونلارنىڭ پىدائىي قوشۇنى. 1929 - يىلنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ فورما كىيىمى دەسلەپ ئاق بولۇپ، كېيىن قىزىلغا بويالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنە <ئاللانىڭ بەندىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاكتونلارنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكە دائىرىلىرىگە قارشى تەشكىللىك كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەر ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. گەندىنىڭ زوراۋانلىقتىن خالى تەلىماتىغا ئەمەل قىلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپى دېھقانلار بىلەن قول ھۈنەرۋەنلەر ئىدى. رەھبىرى ئابدۇل غاففارخان (1891 - ). 1931 - يىلى خەلق كونگرېسىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا قارام تەشكىلات بولغان. 1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ باشقۇرۇلغاندا، ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگرا ئۆلكىلىرى پاكىستانغا تەۋە بولغان. 1957 - يىلى بۇ پارتىيە باشقا پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。