Uyghur主要词典
قىزىل كۆز ھەرە
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى، قىزىل كۆز ھەرە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.0 - 0.1 مىللىمېتىر، توم، قىسقا، بەلسىز، سېرىق رەڭلىك. ئەركىكى كىچىكرەك، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولۇپ، قوڭۇررەڭ كۆرۈنىدۇ. ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىككى مۇرەككەپ كۆزى بىلەن ئۈچ ئاددىي كۆزىنىڭ ھەممىسى قىزىل، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. يېتىلگەن قۇرتنىڭ قانىتى سۈزۈك، ئالدىنقى قانىتى كەڭ، تۇخۇم شەكلىدە. كېيىنكى قانىتى كىچىك، قانات تومۇرلىرى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن، قانات گىرۋىكىدە ئىنچىكە ئۇزۇن پۆپۈك تۈكچىلىرى بولىدۇ. ھايات تارىخى تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق، يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت يېتىلىش باسقۇچىدىن ئۆتىدۇ، تۇخۇمدىن تارتىپ يېتىلگەن قۇرت چىقىشتىن ئىلگىرىگىچە پارازىت خوجايىنىنىڭ تۇخۇمىدا ياشايدۇ، تېمپېراتۇرا 27 سىلتسىيە گرادۇس بولغان شارائىتتا تەخمىنەن 10كۈن ئەتراپىدا پۈتۈن يېتىلىش جەريانىنى تاماملايدۇ، مۇھىم بىر خىل تۇخۇمدا پارازىتلىنىدىغان ھەرە ھېسابلىنىدۇ. پارازىت خوجايىنىنىڭ دائىرىسى كەڭ، خاتىرىگە ئېلىنغان پارازىت خوجايىنلىرى ئالتە ئەترەتتىكى تەخمىنەن 300 تۈرلۈك ھاشاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇمى ئاساسلىق. شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىشتە ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان پارازىت ھەرە ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئىچىدە ئابدىمىلىك پىلىسى، ئېمەن پىلىسى، بۇغداي پەرۋانىسى قاتارلىقلارنىڭ تۇخۇمىنى پارازىت خوجايىنى قىلىپ ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان قىزىل كۆز ھەرە ئۆستۈرىدىغان سۈنئىي پارازىت خوجايىن تۇخۇمى خېلى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، قىزىل كۆز ھەرىنىڭ پارازىت خوجايىنى تۇخۇمىنى زور مىقداردا تەمىنلەشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى. بۇ قىزىل كۆز ھەرىنى ئۆستۈرۈپ تەتقىق قىلىش، شۇنىڭدەك قىزىل كۆز ھەرىنىڭ زىيانداش ھاشاراتلاردىن بىئولوگىك مۇداپىئەلىنىشتە قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.