Uyghur主要词典
قۇربانلىق قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىش قائىدىلىرىدىن بىرى. ھەج تاۋاپ قىلىش ئاخىرلاشقاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي قائىدە، يەنى مال زەبىھ قىلىپ نەزىر قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قوي، كالا، تۆگىنى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. نېمىنى قۇربانلىق قىلىشنى ھەر كىم ئۆز ھالىغا قاراپ بېكىتىدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى يوقسۇللارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ ياكى بۇ گۆشنى ئۆزى يېسىمۇ، ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قۇلۇملارغا بەرسىمۇ بولىدۇ. ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تاش ئېتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن جايدا مال زەبىھ قىلىنىدۇ. بۇ ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ. زەبىھ قىلىنىدىغان مالغا بەلگە قىلىپ قويۇلىدۇ. پرىنسىپ جەھەتتە بىر ئادەم بىر قوي، يەتتە ئادەم بىرلىشىپ بىر كالا (بىر تۆگە) سويۇشى كېرەك. باشقا جايلاردا قۇربان ھېيتتا نامازدىن كېيىن ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ئالدىغا قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈنۈپ، بىر ئۈلۈشى سەدىقە قىلىنىدۇ، بىر ئۈلۈشى ئۇرۇق - تۇغقانلارغا بېرىلىدۇ، بىر ئۈلۈشىنى ئۆزى يەيدۇ.