Uyghur主要词典
قۇربان ھېيت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆز ئەرەبچىدە <ئەيد ئەزھا> دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ ھېيتنىڭ بىرىدۇر. ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يەنى ھەج قىلغانلارنىڭ مەككىدىكى ئاخىرقى پائالىيەت كۈنى ھېيت بولىدۇ. بۇ كۈنى مۇسۇلمانلار پاكىز يۇيۇنۇپ، چىرايلىق كىيىنىپ ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ، بىر - بىرىدىن ھال سورايدۇ. قوي، كالا، تۆگە قۇربانلىق قىلىدۇ. قائىدە بويىچە بىر ئادەم بىر قوي ياكى يەتتە ئادەم بىرلىشىپ بىر كالا (بىر تۆگە) قۇربانلىق قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاللاتائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدە ئوغلى ئىسمائىلنى قەتلى قىلىشنى ۋەھىي قىلغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ ئەمرىنى بەجا قىلىدىغان چاغدا ئىسمائىلنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن قوي (كۆك قوچقار) چۈشۈرۈپ بەرگەن. قەدىمكى ئەرەبلەر مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىپ نەزىر بېرىپ تۇرغان. ئىسلام دىنى بۇ ئادەتكە ۋارىسلىق قىلىپ مۇشۇ ھېيتنى بەلگىلىگەن. ئەل ئارىسىدىكى قاراش بويىچە، كىشىلەر مۇشۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىنغان مالغا مىنىپ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ.