Uyghur主要词典
قۇربان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر ئۇلۇغ، مۇھىم ئىش تۈپەيلى جان پىدا قىلغان، ھالاك بولغان كىشى:
ئېيدى جەمالىن كۆزگۈزە جىلۋە قىلۇر بولسە دەمى،
ھافىز ئشىكىندە ئانىڭ شەكسىز ئۆزىن قۇربان قىلۇر.
ھاپىز خارەزمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ياكى بىرەر شەخس ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش، ئاتاش.
ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن جېنىم پىدا. مىللەت يولىدا قۇربان بېرىش تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
بىرەر ياخشى ئىش، ياخشى مەقسەت يولىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، جان پىدا قىلغان كىشى.
قۇربان بولماق. ئۆزىنى قۇربان قىلماق.
كۆچمە. تەبىئىي ئاپەت، پالاكەت، كۆڭۈلسىز ئىش، ھادىسە قاتارلىقلار تۈپەيلى ھالاك بولغان ياكى زور زىيانغا ئۇچرىغان كىشى.
جاھالەت قۇربانى.
بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىش يولىدا تارتقان زىيان - زەخمەت، بەدەل، تالاپەت.
قۇربان بەرمەك.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قۇۋان، قۇۋانجان
ئاللاغا بېرىلگەن نەرسە