Uyghur主要词典
قاتناش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەقلىيات، ترانسپورت.
قاتناش قوراللىرى. * قاتناش ۋاستىسى. * قاتناش قائىدىسى. * قاتناش ساقچىسى. * قاتناش نازارىتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قاتناشماق، قاتنىشىش. بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلماق، ئىچىگە كىرمەك.
مەجلىسكە قاتناشماق. * تەشكىلاتقا قاتناشماق. * نامايىشقا قاتناشماق. * زىياپەتكە قاتناشماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە مال توشۇش ئىشى.
قاتناش - ترانسپورت ئىشلىرى - خەلق ئىگلىكىنىڭ تومۇرى. قاتناش ھادىسىسىنى ئازايتىش قاتناشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئۇرۇمچى ترانسپورت شىركىتى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۈك ۋە يولۇچى توشۇش ئىشلىرى؛ ترانسپورت.
قانتاش قوراللىرى. قاتناش بىخەتەرلىكى. قاتناش قائىدىسى. قاتناش ساقچىسى.
كۆچمە. ترانسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇنى باشقۇرىدىغان ئورۇن، تارماق.
- ھېلىقى جۇۋاينىمەكنى مەن ئوبدان بىلىمەن. ئىسمى مەردان، لەقىمى <جەرەن>، شەھەرلىك قاتناشتا شوپۇر. ھەممىلا ئادەمنىڭ جېنىغا تەگكىنى تەگكەن،- دېدى ھەجەر.