Uyghur主要词典
قاتماقⅡ
قاتماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قوشماق، بىرلەشتۈرمەك ياكى ئارىلاشتۇرماق:[مىسال:] ئىسپىرتقا سۇ قاتماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىستۇرماق، ئارىلاشتۇرماق، قوشماق (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] سىز ئۆزىڭىز، ئۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئۈن قاتتى، بىر ئوبدان كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى «لەقۋا»غا ئۆزگەرتىپ قويغان سىز ئۆزىڭىز...[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توقۇماق؛ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇماق، تۈزمەك (قوشاق، نەزمە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىككى كۈندىن كېيىن راجى بالىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغانلىقى تاغقا ئاڭلاندى. كىمدۇر بىرى دەرھاللا ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن قوشاق قاتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ئات، ئېشەك قاتارلىق ئەمگەك ھايۋانلىرىنى ھارۋا، قوش قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىغا تەرتىپ بويىچە كىرگۈزۈپ، قائىدىلىك جايلاشتۇرماق، ئورۇنلاشتۇرماق، قوشماق:[مىسال:] ئەخمەتجان دەپ توۋلىدى قىز، دەرھال ئۆيگە بېرىپ دادامغا ئېيتە، ئېشەك ھارۋىسىنى قېتىپ كەلسۇن.