Uyghur主要词典
قاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئات - ئۇلۇغنى قوش، ھارۋا، چانا... غا تىركىمەك.
چىقارماق
ئات - ئۇلاغنى قوش، ھارۋا، چانا... دىن بوشاتماق.
سەن قوشۇشقا باشلىساڭ، ئۇ تېپىشكە باشلايدۇ. يامان ئادەمنى يولغا سالماق - چوشقىنى ھارۋىغا قاتماق. مۈشۈكنى ھارۋىغا قوشساڭ، كاڭغا سۆرەيدۇ. قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە سالدى. ئاتنى ھارۋىدىن چىقىرىپ قاڭتۇرۇپ قوي.
شىۋىلەر
قوشماق. مەسىلەن:
قارا _ قارا قاشلىرىڭغا،
قاتساڭچۇ مېنى.
كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ،
ئاتساڭچۇ مېنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاتتىق ھالەتكە كەلمەك، قاتتىق بولماق؛ سۇيۇق ياكى يۇمشاق ھالىتىنى يوقىتىپ قاتتىقلاشماق.
شوپۇر بىلەن مەن زەي شېغىل ئۈستىدە قېتىپ كەتكەن برېزېنتنى يېپىنچا قىلىپ ياتتۇق.
كۆچمە. سوغۇقتىن مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ كەتمەك، توڭۇپ كەتمەك، توڭلىماق.
- پۇتلىرىم قېتىپ كەتتى. ئازراق ماڭايلى، توڭلاپ ئۆلمەيلى يەنە!- دېدى ئۇ ئولتۇرغانلارغا يالۋۇرۇپ.
كۆچمە. قورقۇش ياكى ھەيران بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىمجىت تۇرۇپ قالماق، بىر ئىزدا شۈكلا توختاپ قالماق.
ئۇ <پىچاقنى تاشلا، قولۇڭنى كۆتۈر!> دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن قېتىپلا قالدى.
ئېگىلىشچانلىقىنى، ئەۋرىشملىكىنى يوقاتماق.
ئۆز ئورنۇمغا بېرىپ تاش چېقىشقا باشلىدىم، سائەت ئون بولغان مەزگىللەردىلا بەللىرىمنىڭ قېتىپ قالغانلىقىنى سەزدىم.
كۆچمە. چېنىقىپ پىشماق، مۇستەھكەملەنمەك، مەزمۇتلاشماق.
سۆڭىكى قاتماق.* مۇسكۇللىرىڭ ئەينى گاڭ، تاشتەك مەھكەم قېتىپتۇ. بارلىق مەيدان ئەھلىمۇ، سېنى ماختاپ كېتىپتۇ.
كۆچمە. تېلىقماق.
مەن ئۇلارغا ئەھۋالىنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇلار كۈلۈپ قېتىپ قېلىشتى.
كۆچمە. ئىشلىمەي، پىكىر قىلالماي قالماق؛ سەزگۈرلۈكىنى، ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتماق(باش ھەققىدە).
بېشىڭ قاتسا، تامغا ئۈس (ماقال).
كۆچمە. ناھايىتى ئېسىل ياسانماق، پۇزۇر ياسىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەك.
شۇنداق، سىز باي، شۇڭا قېتىپ يۈرىسىز، بىراق سىزنى مۇنداق قېتىپ يۈرۈشكە سازاۋەر قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز - دە، بىچارە.
كۆچمە. غەرق بولماق، ھېچنېمىنى سېزەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالماق (ئۇخلاش ھەققىدە).
غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ. ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قوشماق، بىرلەشتۈرمەك ياكى ئارىلاشتۇرماق.
ئىسپىرتقا سۇ قاتماق.
كۆچمە. قىستۇرماق، ئارىلاشتۇرماق، قوشماق (گەپ - سۆز ھەققىدە).
- سىز ئۆزىڭىز،- ئۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئۈن قاتتى، - بىر ئوبدان كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى <لەقۋا> غا ئۆزگەرتىپ قويغان سىز ئۆزىڭىز....
كۆچمە. توقۇماق؛ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇماق، تۈزمەك (قوشاق، نەزمە قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئىككى كۈندىن كېيىن راجى بالىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغانلىقى تاغقا ئاڭلاندى. كىمدۇر بىرى دەرھاللا ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن قوشاق قاتتى.
ئات، ئېشەك قاتارلىق ئەمگەك ھايۋانلىرىنى ھارۋا، قوش قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىغا تەرتىپ بويىچە كىرگۈزۈپ، قائىدىلىك جايلاشتۇرماق، ئورۇنلاشتۇرماق، قوشمال.
- ئەخمەتجان! - دەپ توۋلىدى قىز،- دەرھال ئۆيگە بېرىپ دادامغا ئېيتە، ئېشەك ھارۋىسىنى قېتىپ كەلسۇن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قوشۇمچە قىلماق، ئۇلىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاتماق، چىڭىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاقەتسىزلەندۈرمەك