Uyghur主要词典
قاتلىما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىلغان خېمىرنى قات - قات قىلىپ، قازاندا پىشۇرۇلغان نان.
ھەجەرخان قاتلىمىغا ئۇستا. قوتۇرماچ مەززىلىك بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قاتلىنىدىغان، قاتلىغىلى بولىدىغان.
قاتلىما كارىۋات. قاتلىما ئورۇندۇق. قاتلىما ئۈستەل.
سۈپ. قاتلانغان، قاتلىنىپ پۈرۈلگەن.
تەر ئۇنىڭ گۆشلۈك مەڭزىدىن قاتلىما ئېڭىكىگە ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى.
ئى. خېمىرنى نېپىز ئېچىپ، ئۈستىگە ياغ سۈرتۈپ، ئاندىن ئۇنى قەۋەتمۇ قەۋەت قاتلىغاندىن كېيىن نېپىزرەك ئېچىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تەملىك نان.
ئەپەندىم بازارغا كېلىپ خوتۇنىغا: - خوتۇن، ئەتە ئۆيگە مېھمان كېلىدىغان بولدى، ئوخشىتىپ قاتلىما ياققىن، - دەپ بۇيرۇپتۇ.