Uyghur主要词典
قاپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تاغار، مىشكاپ، خالتا.
بىر قاپ بۇغداي ئالدىم. * تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن (تەمسىل) . * گەپ دېسە، قاپ - قاپ، ئىش دېسە، يىراق تاغدىن تاپ (ماقال).
2 . بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈستىنى ئوراپ تۇرىدىغان پوستى، قاسىرىقى. تاشپاقا قېپى. * قۇلۇلە قېپى.
3 . بەزى نەرسىلەرنى سېلىپ قويىدىغان ياكى ئوراپ قويىدىغان ياكى ئوراپ قويىدىغان قۇتا، خالتا. سەرەڭگە قېپى. * ياستۇق قېپى. قولقاپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
دەل، تازا.
دەريانىڭ قاپ ئوتتۇرىسى. * گېپىڭ قاپ جايىدىن چۈشتى. *تانىنى قاپ ئوتتۇرىسىدىن كەس.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كىچىك تاغار، قاپ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
1 -، 2 - <قاب> غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلەرنى قاچىلايدىغان سايمان.
«خۇرجۇن» ئىككى ئېغىزلىق بولىدۇ، كۆپىنچە سەپەردە ئىشلىتىلىدۇ.
«لاغلى» لوپنۇر دىئالېكتىدا «تاغار».
تاغاردا بىر گەپ. قاپ قوپۇپ تاغارنى يۆلەپتۇ، ئاغرىق قوپۇپ ساقنى. قېرىنىڭ سۆزىنى قاپقا سال. ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟ ! يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
يالغان. راست گەپنىڭ چېچىكى قاپ گەپ ( ماقال ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇلۇم.
3 - 199
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپ، قاچا.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ قېپى « قاپ» دېيىلىدۇ. بۇ ئەرەپچىدىكى «» سۆزىگە ئوخشايدۇ، بۇ ئەسلىدە «ئاتنىڭ گەردىنىگە ئۇرۇش» مەنىسىدىكى سۆز ئىدى. كېيىن ھەر قانداق ئات ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلدىغان بولغان.
3 - 200
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپ.
ئانىنىڭ قورسىقىدا بالىنى ئوراپ تۇرغان قاپ. ئەگەر بالا شۇ قاپ بىلەن تۇغۇلسا، بەختلىك ھېسابلىنىپ « قاپلىغ ئوغۇل» دېيىلىدۇ.
3 - 200
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(كۆچمە مەنىدە) تۇغقان.
ئول مەنىڭ بىرلە ئۇيا قاپ ئول _ ئۇ مەن بىلەن بىر قورساقتىن چۈشكەندەك يېقىن تۇغقان.
3 - 200
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قاپ - رەختتىن، تېرىدىن تىكىلگەن ياكى چىگە، يۇڭ، پاختا يىپلىرى بىلەن توقۇلغان. ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ قەدىمدە ھاراق قاچىلايدىغان تۇلۇمنى كۆرسىتەتتى. فون گابائىن خانىم <قاپ> (qap) دېگەن ئۆلچەم نامى 10 / 1 شىڭغا باراۋەر كېلىدىغان <غاپ> (hap) دېگەن نامدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <يېرىم قاپ ئۈزۈم ھارىقى> دېگەن ئىبارە بار. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <30 تامبىن بىر قاپ ئۈزۈم ھارىقى> دېگەندەك ئىبارىلەر بار. <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دىكى ئائىلە مال - مۈلكنى تىزىملاش ھۆججىتىدە ... <... ئۈچ (دانە) ھەر بىرى ئۈچ قاپلىق كۈپ، ئۈچ (دانە)> ھەر بىرى بىر قاپلىق ئىدىش< (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: >قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر<، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 322 - بەت) دېگەن خاتىرە بار. دېمەك، >قاپ< سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىدۇر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قارا» غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، رەختتىن تىكىلگەن ياكى پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرى ۋە سۈنئىي تالالاردىن توقۇلغان بۇيۇم: كىچىك تاغار
تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېچى بىلەن (ماقال).
بارچە گۈناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي (ماقال).
ئى. نەرسىلەرنىڭ سىرتقى قىسمىنى ئوراپ، قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى.
ياستۇق قېپى. سەرەڭگە قېپى.تاشپاقا قېپى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ قاپلىق نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئون قاپ سەرەڭگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توپتوغرا، دەل.
قاپ بەل، قاپ ئوتتۇرا.