قاپ Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، رەختتىن تىكىلگەن ياكى پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرى ۋە سۈنئىي تالالاردىن توقۇلغان بۇيۇم؛ كىچىك تاغار:[مىسال:] تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن (ماقال). * بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ سىرتقى قىسمىنى ئوراپ، قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] ياستۇق قېپى. سەرەڭگە قېپى. تاشپاقا قېپى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ قاپلىق نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئون قاپ سەرەڭگە.