Uyghur主要词典
قابىلىيەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ياراملىق سۇبيېكتىپ شەرتلەر.
«ئىقتىدار» كۆپىنچە كۈچ - قۇۋۋەتكە دائىر.
«ئىستېدات»، «تالانت» لار تەبىئىي ئەقىل - پاراسەت، ئىجادىي كۈچ ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە قارىتىلىدۇ.
«بىڭسى» خەنزۇچە: 本事 . ئېغىز تىلىدا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ، كۆپىنچە ماھارەتك
بىلىم ئەمگەكتىن كېلەر، قابىلىيەت كۈرەشتىن. قابىلىيەتنى قىيىنچىلىقتىن ئۆگەن. ئىقتىدارمۇ مۇسكۇلدەك چېنىقىشتىن كېلەر. مەندە مەسىلىنى تېگى - تەكتىگىچە سۈرۈشتۈرۈشتىن باشقا ئىستېدات يوق. تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلەر. «تالانت» تەربىيلەيدىغان مەخسۇس مەكتەپ يوق. بىڭسىڭ بولسا، كۆرسەت. ئادەمنىڭ بىڭسىسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسىسى تۇياقتا.
پسىخولوگىيە
بۇ مەلۇم ۋەزىپە ياكى پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشتا زۆرۈر بولغان ئىچكى شەرتلەر مەجمۇئى بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىلدىن ئىبارەت. ھەر قانداق بىر خىل ئاددىي قابىلىيەت بىلەن مەلۇم بىر خىل پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولغايدۇ، كۆپ خىل قابىلىيەتلەرنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسى بولۇشى كېرەك. مەسلەن: مۇزىكا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىق كونكرېت ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنى چوقۇم بېلىشتىن باشقا يەنە ئاھاڭ، رىتىم سەزگۈسى، مۇزىكىنى ئاڭلاش سەزگۈسى، تەسەۋۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت « ئىچكى شەرتلەر» گە ئىگە بولۇش كېرەك. رەسساملىق قابىلىيىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۆرۈش ئانالىزاتورىنىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، مەسلەن: سىزىق سەزگۈسى بولۇشى، بىر نەرسىنىڭ ماسىشىتابى، فورمىسى، روشەنلىكى، رەڭگى، ماسلىشىشى قاتارلىقلارنى سېزىپ ئىدراك قىلالايدىغان بولۇشى، رەسىم سىزغاندا قولنىڭ سېزىمچانلىقى، ھەرىكەت سۈپىتى ياخشى بولۇشى ۋە ئوبراز خاتىرىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەم بولسا بولمايدىغان « ئىچكى شەرتلەر» دۇر.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا، « قابىلىيەت » دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى كەڭ. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە، ئەمگەك پائالىيىتىدە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەقىل، ھېسيات، ئىرادە جەھەتلەردىكى قابىليەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قابىلىيەت سۆزى بەزىدە بىر كىشىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئىگە بولغان ئەمەلىي ( رېئال ) قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە بىر كىشىنىڭ مەشىق قىلىپ يەتمەكچى بولغان يۇقىرى سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە بىر كىشىنىڭ پائالىيەت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. قابىلىيەت تەرەققىياتىدىكى بۇ خىل ئىمكانىيەت يوشۇرۇن قابىلىيەت (ياكى لاياقەت) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قابىلىيەتنى تۇغما تەبىئەت ( ئامىل ) تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئەنە شۇ ئامىل چەكلەپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ رېئال قابىلىيىتى ۋە ئۇنىڭ تېز ئارىدا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىنى بىلىپ، شارائىت يارىتىپ، ئۇنى مەشىق ئارقىلىق رېئال قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان، ماس ھالدىكى پىسخىك جەريانغا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ بىر خىل پائالىيەتنى باشقا بىر خىل پائالىيەتكە يۆتكەش جەريانىدا رول ئوينىيالايدىغان قىلىش تەربىيچىلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.
قابىلىيەتنى ئىككى خىلغا ئايرىش مۇمكىن: ئادەتتىكى قابىلىيەت ۋە ئالاھىدە قابىلىيەت. ھەر خىل پائالىيەتلەر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك تونۇش ۋە مەشغۇلات قابىلىيەتلىرىنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسى ئادەتتىكى قابىلىيەت دېيىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتىكى قابىلىيەتمۇ ئىككى خىل بولىدۇ: (1) بىلىش قابىلىيىتى، بۇ ئادەتتە ئەقلىي قابىلىيەت دېيىلىدۇ، بۇ خىل قابىلىيەت ئۆز ئىچىگە كۆزىتىش قابىلىيىتى، خاتىرە قابىلىيىتى، خىيال قابىلىيىتى، تەپەككۈر قابىلىيىتىنى ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يادرولۇق رول ئوينايدىغىنى ئابىستراكت تەپەككۇر قابىلىيىتى، يەنى لوگىكىلىق ئەقلىي قابىلىيەتتىن ئىبارەت. (2) مەشغۇلات قابىلىيىتى، ياكى ئەمەلىيەتلىك ئەقلىي قابىلىيەت يەنى بۇ قول بىلەن مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىپ ئەمەلىي مەسلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت .
ئالاھىدە قابىلىيەت دېگىنىمىز، ھەر خىل كەسىپ، ھەر خىل پەن ساھەسىدىكى ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە قابىلىيەت بولۇپ، ئۇ مەلۇم كەسپىي پائالىيەت تەلىپىگە ماس بولغان تۈرلۈك قابىلىيەتلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت. مەسلەن: تىل - ئەدەبىيات خەت تونۇش قابىلىيىتى، خەت يېزىش قابىلىيىتى، ئوقۇش قابىلىيىتى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى شۇنىدەك، مۇزىكانت، رەسساملار تۈرلۈك مەخسۇس قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئادەتتىكى قابىلىيەت قانچە تەرەققىي قىلسا، مەخسۇس قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى ئىچكى شەرت يارىتىلىدۇ. ھەر خىل پائالىيەتلەر جەريانىدا ئالاھىدە قابىلىيەت تەرەققىي قىلىش بىلەن تەڭ ئادەتتىكى قابىلىيەت تەرەققىياتىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئادەتتىكى قابىلىيەت ئالاھىدە قابىلىيەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتىن ئالغاندا، قابىلىيەت يەنە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بىلەن ئىجادىي قابىلىيەتكە بۆلۈنىدۇ. تەرەققىياتتا، ئالدىنقى خىلدىكى كىشى بىلىم ئىگىلەشتە مەلۇم ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئۇنى بېرىلگەن ئۈلگە بويىچىلا ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كېيىنكى سەۋىيىدىكى كىشى يېڭى، ئالاھىدە نەرسە يارىتىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل قابىلىيەت ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ، تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك قابىلىيەت ئىجادىي خاراكتېرلىك قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئىجادىي خاراكتېرلىك قابىلىيەتتىمۇ تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك قابىلىيەت ئامىللىرى بولىدۇ، ھەتتا ئاجايىپ تالانتمۇ تەسەۋۋۇر خاراكتېرلىك قابىلىيەت تەرەققىياتىدىن باشلىنىدۇ. تەجرىبە ھاسىل قىلىشقا ئەگىشىپ ئىجادىي خاراكتېرلىك قابىلىيەت ئىپادىلىنىدۇ.
قابىلىيەت توغرىسىدىكى نەزەرىيە يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۈچ خىل: (1) تۇغما ئىرسىيەت نەزەرىيىسى. بۇ خىل نەزەرىيە قابىلىيەت جانلىق ئىندىۋىدنىڭ تۇغما ئىرسىي تەبىئىتىگە باغلىق دەپ ھېسابلايدۇ. (2) تۇغۇلۇشتىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ نەزەرىيىسى. بۇنىڭدا قابىلىيەت كىشى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى شارائىت بىلەن تەربىيىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. (3) تۇغما ئامىل بىلەن كېيىنكى ئامىل ئارىسىدىكى دىئالېكتىكا. بۇ نەزەرىيە بۇيىچە: تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى كىشى قابىلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈرىي تەبىئىي ئالدىنقى شەرتى. بۇ پەقەت قابىلىيەت تەرەققىياتىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، لېكىن ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى كېيىنكى ياخشى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىغا باغلىق. يەنى ئوزۇنلىنىش ئەھۋالى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەجرىبىلەر، تەربىيە مەزمۇنى بىلەن ئۇسۇلىنىڭ تەسىرى، شۇنڭدەك شەخسنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى بىلەن سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم ئىشنى بېجىرىش لاياقىتى؛ تالانت، ئىقتىدار؛ ئىستېدات.
ئۇ كىچىك بولغان بىلەن، ئېسىدە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى مېنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى.