Uyghur主要词典
پسىخىك داۋالاش
پسىخولوگىيە
بۇ روھىي داۋالاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىمارنىڭ پسىخىك پائالىيىتىگە تەسىر قىلىش ئارقىلىق كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇ خىل داۋالاش ئادەتتە سۆھبەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. تىببىي خادىملار بىمارغا كىسەللىك توغرىسىدىكى بىلىملەنى تەشۋىق قىلىدۇ. سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىپ بېرىپ، بىمارنىڭ ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىش بىلەن كېسەلنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشىنى تېزىلىتىدۇ. ئايرىم سۆھبەت ئۇسۇلى ئاساس قىلىنسا، بۇ ئايرىم سۆھبەت بىلەن روھىي داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. كېسىلى ئوخشاش بىمارلارنى بىر گورۇپپا قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ كوللېكتىپ روھىي داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى، سوزۇلما كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ياردەمچى ئۇسۇلىدۇر.