Uyghur主要词典
پسىخىك ئالاھىدىلىكى
پسىخولوگىيە
ئىندىۋىدۇئال ( شەخسى ) پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى بولۇپ، شەخسنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىپادىلەنگەن ماھىيەتلىك، دائىملىق، مۇقىم پىسخىك ئالاھىدىلىكتۇر. بۇ قابىلىيەت، تىمپېرامېنت ( مىجەز ) خاراكتېرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خاراكتېر يادرو ھېسابلىندۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىندىۋىد ( شەخسى ) نىڭ سۆز _ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي روھى قىياپىتى بىلەن ئاڭ مايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، كىشىنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ گەۋدىلەندۈرىدۇ، پىسخىك ئالاھىدىلىك جەريانلار بىلەن بىرلىكتە ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن پىسخىكسنى تەشكىل قىلىدۇ. پىسخىك ئالاھىدىلىك بىلەن پىسخىك جەريانلار پىسخىك ھادىسنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بولۇپ، ئۆز ئارا پەرقلىنىدۇ ھەم باغلىنىشلىق بولىدۇ. پىسخىك ئالاھىدىلىك پىسخىك جەريان ئاساسىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شەكىللەنگەندىن كېيىن يەنە پىسخىك جەريانلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پىسخىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى كىشىنىڭ مۇئەييەن تەبىئىي بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ.