Uyghur主要词典
پلائۇن
بىئولوگىيە
پلائۇن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يەر باغىرلىغۇچى شېخى پېلەكسىمان بولۇپ، شاخلىنىدۇ، يوپۇرماقلىرى شالاڭ ئۆسىدۇ. تىك ئۆسىدىغان غولىنىڭ ئېگىزلىكى 15 - 30 سانتىمېتر كېلىدۇ، شاخلىنىدۇ، ۋېگېتاتىۋلىق شېخى كۆپ قايتىلىنىدۇ، يوپۇرماق زىچ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى يىڭنىسىمان بولۇپ، ئۇچى قىسىمىدا ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدىغان قىلتىرىقسىمان ئۇزۇن قۇيرۇقى بولىدۇ. سپورا خالتا باشىقىنىڭ سېپى بولىدۇ. 2 - 6 دانە سپورا خالتا باشىقى سپورىلىق شاخنىڭ ئۇچى قىسىمىدا ئۆسىدۇ؛ سپورىلىق يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، ئۈچ بۇلۇڭسىمان سپورا خالتىسى بۆرەكسىمان بولىدۇ. سپورىسى سېرىق بولۇپ <پلائۇن چېڭى> دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلارغا كەڭ تارقالغان، تاغ باغرىدىكى كىسلاتا خاراكتېرلىك تۇپراقتا ئۆسىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورا قىلىنىدۇ. پلائۇن جۇڭگوچە دورىلاردا <پەنى سوزغۇچى ئوت> دەپ ئاتىلىدۇ. پلائۇن چېڭى مېتاللۇرگىيە سانائىتىدە ئەلا سۈپەتلىك تىپقا ئايرىغۇچى، يورۇتۇش سانائىتىدە يالتىراق نۇر دورىسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۇمىلاچ دورىنى ئورىغۇچى قاپ ئورنىدىمۇ ئىشلىتىللىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بوتانىكا
پلائۇن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياتما غولى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولۇپ كۆپ يېرىدىن شاخلايدۇ؛ يوپۇرماق شەكلى تەڭگىچىگە ئوخشايدۇ؛ تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ.