Uyghur主要词典
پلازمولىز ھادىسىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىكى ۋاكۇلىنىڭ سۇ يوقىتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ستوپلازما بىلەن ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئايريلىش ھادىسىسى پلازمولىز ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پلازمولىز ھادىسىسى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى: ھۈجەيرە پوستى ئۆتۈزۈشچان پەردە - ستوپلازما پەردىسى بىلەن ۋاكۇلا پەردىسى يېرىم ئۆتۈزۈشچان پەردە: شۇڭا بىر ھايات ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنى كونسېنتىراتسىيسى يۇقىرى سۇ پوتېنسىئالى تۆۋەن بولغان بىر خىل ئېرىتمە مۇھىتىدا تۇرغاندا، ھۈجەيرىنىڭ سۇ پوتېنسىئالى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇ ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆپۈش بېسىمى كىچىكلەپ، پوستى بىلەن ستوپلازما سۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ قۇرۇلىدۇ. بىراق ھۈجەيرە پوستىنى تۈزگۈچى سېلليۇلوزا بىلەن پېكتىننىڭ قورۇلۇشى چەكلىك بولۇپ، ھۈجەيرە پوستىنىڭ ستوپلازمىغا ئەگىشىپ داۋاملىق قۇرۇلۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ھۈجەيرە پوستىنىڭ قۇرۇلۇشى توختايدۇ، ھالبۇكى ستوپلازما داۋاملىق قۇرۇلىدۇ. نەتىجىدە ستوپلازما بىلەن ھۈجەيرە پوستى بىر - بىرىدىن ئاجراپ، پلازمولىم ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر پلازمولىز ھادىسىسى كۆرۈلگەن ھۈجەيرىنى كونسېنتراتسىيسى تۆۋەن، سۇ پوتېنسىئالى يۇقىرى ئېرتمىگە سالسا، ئېرىتمىدىكى سۇ ھۈجەيرىگە ئاستا - ئاستا كىرىپ، ھۈجەيرىنىڭ ۋاكۇلىسى چوڭىيىدۇ. پۈتۈن ستوپلازما تەدرىجىي ئەسلى ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە پلازمولىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دەپ ئاتىلىدۇ.