Uyghur主要词典
پلاكات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بايراملاردا، نامايىشلاردا زور چاقىرىقلار يېزىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدىغان مەخسۇس لاتا.
1 - ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلار <پەنگە يۈرۈش قىلايلى!> دېگەن چاقىرىق يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئاممىۋى يىغىنغا قاتناشتى. زور كلاپات كۆتۈرگەن ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ پلاكاتلىرىغا شۇ يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يېزىشقانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<نېمىسچە
تەشۋىقات، ئاخبارات ئىشلىرىنى كەڭ ئاممىغا بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىسقا تېكىستلىك قىلىپ يېزىپ چاپلانغان، ئېسىلغان چاقىرىق، شوئار ياكى شوئارلار يېزىلغان رەخت، تاختا.
پلاكات ئاسماق، پلاكات چاپلىماق. پلاكات كۆتۈرمەك.