Uyghur主要词典
پلازما ئاقسىلى
بىئولوگىيە
قاندىن قىزىل، ئاق قان دانىچىلىرى ۋە قان پلاستىنكىسىنى چىقىرىۋەتكەندە قالغان سۇيۇقلۇق، يەنى قان پلازمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە بولىدىغان تەخمىنەن %7 ئاقسىل قان پلازما ئاقسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبى خېلىلا مۇرەككەپ بولۇپ، مۇھىملىرىدىن ئالبۇمىن، گلوبۇلىن، قەنت ئاقسىلى، فېبرىنوگېن، ترانسىن، فېررىتىن، كۇپرېن، گلۇبىن ۋە ۋەھاكازالار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكى قەنت ئاقسىلى بولۇپ، قەنتى؛ شۆلگەي كىسلاتاسى گلۇكوزامىن، گالاكتوزا، ماننوزىلارنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن پولى ساخارىدلاردۇر. γ - شارچە ئاقسىلى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، فىبرىنوگېن قاننىڭ ئۇيۇشۇش جەريانىغا قاتنىشىدۇ، كوپرىن مىسنى، ترانس فېررىتىن تۆمۈرنى توشۇيدۇ. گلوبىن گېموگلوبىننى، قالقان بېزى بىرىككەن ئاقسىلى قالقان بەز گورمونىنى توشۇيدۇ. شۇڭلاشقان قان پلازما ئاقسىلى ھاياتلىقنى ساقلاشتا، ئورگانىزمنىڭ متابولىزمىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ھەر قايسىنىڭ فۇنكىسىيىسى ئوخشىمايدىغان بىر گۇرۇپپا ئاقسىللاردۇر.