Uyghur主要词典
پاتقاق گازى ئېچىتىش
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئورگانىك كېرەكسىز ماددىلارنى پاتقاق گازىغا ئايلاندۇرۇش جەريانى. پاتقاق گازى ئورگانىك كېرەكسىز ماددىلار، گەندە، سۈيدۈك، پاسكىنا سۇ قاتارلىقلارنى بەلگىلىك نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە قۇرۇلمىدا مىكرو ئورگانىزملارنى تەبىئىي ئېكىش ئارقىلىق، بەلگىلىك ۋاقىت ئېچىتىپ ھاسىل قىلىنىدۇ. پاتقاق گازى ئېچىتىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئىنتايىن كۆپ، ئىقتىدارى ھەر خىل بولۇپ، كۆپ خىل ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، بەزى باكتېرىيىلەر، زەمبۇرۇغلار، مېتان ھاسىل قىلىدىغان باكتېرىيە ۋە ئىپتىدائىي ھايۋانلار. ئۇلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ھەر خىل مۇرەككەپ ئورگانىك بىرىكمىلەرنى پارچىلاپ پاتقاق گازىنى ھاسىل قىلىدۇ. پاتقاق گازى بىر خىل ئوڭاي كۆيىدىغان ئارىلاشما گاز بولۇپ، ئۇنى ئېنېرگىيە مەنبەسى ياكى خىمىيە سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ. پاتقاق گازى ئېچىتىش بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىشتىكى ئۈنۈملۈك جەريان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دېھقانچىلىقىنى ياخشى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەپ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرىدۇ.