Uyghur主要词典
پاتمان
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پاتمان.
بىر پاتمان ئەت _ بىر پاتمان ئەت (گۆش).
1 - 578
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمى، يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. پاتمان پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان. <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> دە كۆرسىتىلىشىچە پاتمان 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن ئىككى پۇتقىچە بولغان ئېغىرلىق ئۆلچىمىنى كۆرسەتكەن.
ئېلىمىزدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا پاتمان ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنغان. ئەينى دەۋردە بىر پاتمان 10 كۈرە، ئىككى پاتمان بىر دادەن بولغان، يەنى بىر پاتمان 60 جىڭ بولغان (<كېيىنكى خەننامە> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى 213 - بەت). فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، پاتمان سوغدى تىلىدىكى ptm`n دىن كەلگەن. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <بىر پاتمان ئەت> دېگەن ئىبارە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن پاتماننىڭ قوللىنىلغان ۋاقىتنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى ۋە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 - توم، 578 - بەت). <شىنجاڭ تارىخ لۇغىتى> دە: <پاتمان ئۇيغۇرچە سۆز، تارازا، ئۆلچەم ئەسۋابى ھەمدە يەر مەيدان ئۆلچىمىنىڭ نامى. بىر پاتمان 640 جىڭغا، 3.5 دادەنگە تەڭ. يەر مەيدانى بولۇپ كەلگەندە بىر پاتمان ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئېنىق سانلىق مىقدارى يوق> دېيىلگەن. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر پاتمان 64 چارەك ھېسابلانغان.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى چيەنلوڭنىڭ 24 - يىلى (1759) 7 - ئايدا چىگرانى تىنچىلاندۇرغۇچى سانغۇن چاۋ خۇيزۇ بىر پاتماننى ھۆكۈمەتنىڭ تۆت دادەن بەش كۈرەسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا مەسلىھەتچى ئامبال شۇ خېدې بىر پاتماننى تۆت دادەن بەش كۈرەگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش توغرىسىدا مەلۇمات يوللىغان. چيەنلوڭنىڭ 26 - يىلى (1761) 1 - ئايدا يەكەننىڭ ئىش بېجىرگۈچى باش بۇغىمۇ بىر پاتماننى ھۆكۈمەتنىڭ تۆت دادەن بەش كۈرەسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. بىر دادەن = 10 كۈرە= 120 جىڭ بولغان، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا بىر پاتماننىڭ 540 جىڭغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاتمان بىر مەزگىل بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىدە يەنە ئۆزگىرىش بولغان. <چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇيدىيەن مىساللىرى> دا مۇنداق دېيىلگەن: <بۇرۇن بىر پاتمان تۆت دادەن بەش كۈرەگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىناتتى، كېيىن بەش دادەن ئۈچ كۈرەگە باراۋەر قىلىپ بېكىتىلدى>.
پاتمان ھەم ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ھەم مەيدان بىرلىكى ئورنىدا قوللىنىلغان. ئېغىرلىق بىرلىكى بويىچە ئىشلىتىلگەندە بىر پاتمان دەسلەپ تۆت دادەن بەش كۈرەگە يەنى 540 جىڭغا، كېيىن 630 جىڭغا تەڭ بولغان. بۇنى پۈتۈن سان بويىچە ھېسابلىغاندا 640 جىڭ بولىدۇ. ھۆكۈمەت تارازىسىغا سۇندۇرغاندا شۇ چاغدا بىر پاتمان 610 جىڭ ياكى 08.382 كىلوگرام بولغان. پاتمان يەنە يەر مەيدان ئۆلچىمى قىلىپ قوللىنىلغان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يەر مەيدان ە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، مىقدارى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان.
(1) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىر پاتماننى 37.65 موغا تەڭ دەپ بېكىتكەن. 19 - ئەسىردىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياۋروپالىقلارنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا پاتماننىڭ قىممىتى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان. يەنى كروپاتكىن بىر پاتماننى 64.36 مو دېگەن، شاۋ 46.09، 44.75 مو ۋە 58.69 مو دەپ كۆپ خىل سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. زاكۇت 56.5 موغا باراۋەر دېگەن. 30 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقلىق خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا بىر پاتمان 60.41 مو، 45.25 موغا باراۋەر كەلگەن. 50 - يىللاردىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىغاندا بىر پاتمان 60.22 مو ۋە 75.29 موغا تەڭ بولغان. بۇرھان ئەپەندى بىر پاتماننى 26.5 موغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان.
پاتمان ھازىرقى 90 موغا تەڭ كېلىدۇ. پاتماننىڭ ھەر قايسى ۋاقىت ۋە جايلاردا ھەر خىل سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتىكى سەۋەپ (1) دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىلگىرى ئاشلىق ئانچە قويۇق تېرىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئاشلىق (مەسىلەن: بۇغداي، قوناق، ئارپا) دانلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا بۇنداق بۇغداينىڭ تېرىلىدىغان يېرى ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ.
(2) باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بىرلىكىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن پاتماننىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
مىق <تارىخ> 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن 11 پۇتقىچە بولغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى.
سۈپ. كۆچمە. بىر تالاي، ھېسابسىز، نۇرغۇن، تولا، كۆپ، جىق.
بىر پاتمان ئىش. بىر پاتمان گەپ.