Uyghur主要词典
پاتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جايلاشماق، ماس كەلمەك.
بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا موزايبېشى بوش كەلدى. ئالەمگە پاتماي كەتمەك. بېشىڭ سىغمايدىغان يەرگە ئۇرۇنما. بەش قول ئېغىزغا سىغماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇيۇق، يۇمشاق نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرمەك، چۆكمەك، مىلەنمەك.
لايغا پاتماق.
كۆچمە. غەرق بولماق، چۆكمەك.
ياسىن قازى بىر پەس چوڭقۇر ئويغا پاتتى.
قاتتىق بېسىمدىن ئىچىگە پۈكۈپ، يېرىپ ياكى سانجىلىپ كىرمەك.
ئاياغقا تاش پاتماق.
كۆچمە. قاتتىق تەگمەك، ئېغىر تۇيۇلماق.
كۈندىن - كۈنگە جەبىر - زۇلۇم كۆپىيىپ جېنىغا پېتىپتۇ.
بىرەر ئىجابىي ھېس - تۇيغۇ ياكى سەلبىي روھىي ھالەت بولماق.
كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاتا - ئانا مۇڭغا پېتىپتۇ.
ئۇپۇققا يوشۇرۇنۇپ كۆزدىن غايىب بولماق.
كۈن پاتتى.
سىغماق؛ ماس، لايىق كەلمەك.
تاغقا پاتمىغان ئۆچكە قازانغا پاتار (ماقال).