Uyghur主要词典
پاترىخ
دۇنيا تارىخى
خىرىستىئان دىنىي ئاتالغۇسى. لاتىنچە Patres Ecclesiae دېگەن سۆزدىن تەرجىمەقىلىنغان. بۇ <چېركاۋدىكى ئاقساقال> دېگەن مەنىدە. مىلادى ⅡـⅧئەسىرلەرگىچە(ياكى 12 - ئەسىرگىچە)خىرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، رەسىم قائىدە ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرىنى بەرپا قىلغان ئاتاقلىق دىنىي ئەرباپلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار چېركاۋ تەرىپىدىن ئاقساقال قاتارىدا ھۆرمەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى: تېرتوللىئان، ئامبوروسئۇس(مىلانلىق، تەخمىنەن 339-739)، گرېگورى(بۈيۈك، 540-604)، جۇن(دەمەشىقلىق، تەخمىنەن 676-760)قاتارلىقلار.