Uyghur主要词典
پاترىئارخال جەمەت
دۇنيا تارىخى
جۈپ نىكاھلىق تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئۇرۇقداشلىق فورماتسىيە. بۇ ياۋايىلىق مەزگىلنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچىدىكى ئاتا(پاترىئارخال)جەمەت ئۇرۇقداشلىق مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالغان. بارلىققا كەلگەن دەسلەپكىمەزگىللەردە ئىپتىدائىي ئومومىي مۈلۈكچىلىك پرىنسىپلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىقنى بىرلىك قىلغان ھالدا كوللىكتىپ ئىشلەپچىقرىپ، كوللېكتىپ ئىستېمال قىلغان.باشقۇرۇش ھوقۇقى كوپىنچە جەمەت كېڭىشىدە بولغان. كېيىنچە ئاتاپاترىئارخالنىڭ ھوقۇقى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىپ، جەمەت ئەزالىرى ھەمدە مال مۈلۈككە بولغان مۇتلەق ئىگىدارچلىق ھوقۇقى شەكىللەنگەن. بالاچاقىلىرى پۈتۈنلەي ئاتا پاترىئارخالغا بېقىنغان. دېدەك،چاكار، قۇللىرى بولسا قۇل قىلىنىش ئورنىغاچۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:قەدىمكى ئاسسۇرىيىنىڭ قانۇنىدا(مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا)بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكى رىم ئۇرۇقداشلىقى پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقىنىڭ تىپى بولالايدۇ. رىمدا ئۇرۇقداشلىق ياكى ئائىلە دېگەن سۆز بىرئادەمگە قاراشلىق بارلىق قۇللارنى كۆرسەتكەن. ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىك جەمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى:<بىرى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنى ئائىلىگە بېقىندۇرۇش، يەنە بىرى پاترىئارخاللىق ھوقۇقى>دىن ئىبارەت (<ماركسئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى>4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل نەشرى، 52-بەت، خەنزۇچە). پاترىئارخاللىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى جەمەت مەۋجۇت بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە جۈپ نىكاھلىق جەمەتنىڭ بىرئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەتكە ئۆتۈشنىڭ ئۆتكۈنچى ھالقىسى بولغان.