Uyghur主要词典
پاكىزلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسە - كېرەكلەرنى چاڭ - توزان ۋە شۇنداق ئەخلەت، داغ، كىر - قاسماقتىن ئېغدىماق.
ھەركىم ئىشىك ئالدىنى تازلىسا، شەھەر تازا بولار. كىيىمنى پاكىزلاپ كىيىش چوڭ زىننەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تازا - پاكىز ھالەتكە كەلتۈرمەك، پاسكىنا - مەينەت نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلىماق.
بۇلغىماق
پاسكىنا - مەينەت قىلماق.
ھەركىم ئۆز ئىشىكى ئالدىنى تازىلىسا، شەھەر تازا بولار. كۆلنىڭ لېيىنى تازىلىغاننىڭ بېلىقى تۈگىمەس. يۈز - قولۇڭنى پاكىزلاپ تۇرساڭ، كېسەلدىن ساقلىنىسەن. قولىنى بۇلغىغان يۈزىنىمۇ بۇلغايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پاكىز ھالەتكە كەلتۈرمەك، پاكىز قىلماق، تازىلىماق.
يوتقاننى پاكىزلىماق، چىنىنى پاكىزلىماق.