Uyghur主要词典
پاكىنەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويى پەس، بويى ئېگىز ئەمەس.
«پىستەك» ، «پىندەك»لەر سەلبىي تۈسكە ئىگە.
«پارپا» ، «جەدىۋار» لار ئادەتتىن تاشقىرى، «پاكار»غا ئېيتىلىدۇ.
ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. پەتەك بولغان بىلەن پەمى بار. پاكىنەك پەيتى كەلسە دارازىنى يېڭەر. پىستەك دېمەڭ بىزنى، قايرىپ سۆيىمىز سىزنى. پىندەك بالا پىنەك چېكىدىكەن. پارپائىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. «ئىلى مەشرىپى» دە ئىككى جەدىۋار سۆز ئويۇنى قىلىشتى .
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بويى، جۇغى پەس.
ئۇزۇنتۇرا، درازا، ئېگىز، شادىپاچاق، دوزاخ شوتىسى
بويى، جۇغى ئېگىز.
ئۇزۇنتۇرانىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكىنەكنىڭ جېنى چىقىپتۇ. دارازا دارغا چىقالماس. پەتەك داگازىدىن كۈلۈپتۇ. شادا پاچاقنىڭ پاچىقى ئاسان سۇنار. ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. دوزاخ شوتىسى ئەپ بىلەن ماڭمىسا، ئاسان يىقىلىدۇ، قېرىغاندا دۈمچىيىدۇ. پارپا ئىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. پىستە ئىت ئۆلگۈچە كۈچۈك. جەدىۋار سۆزگە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بويى پاكار، پاكارغىنا، پەس (كەمسىتىش ھەم ئەركىلىتىش مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ).
پاكىنەك ئادەم، پاكىنەك بوۋاي.