Uyghur主要词典
پاكىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ قونمىغان، مەينەت ئەمەس، كىر - غۇبادىن خالىي.
قولۇڭ تازا بولسۇن دېمە، كۆڭلۈك تازا بولسۈن دە. پاكىز سۇ ئەكەلگۈچە، لاي سۇنى تۆكمەي تۇر. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چاڭ - توزان قونمىغان، داغ - دۇغ ئارىلاشمىغان، بۇلغانمىغان.
پاسكىنا، ئىپلاس، مەينەت، كىر، قاسماق، توڭرا
بۇلغانغان، چاڭ - توزان قونغان، داغ - دۇغ ئارىلاشقان.
قولۇم تازا بولسۇن دېگۈچە، كۆڭلۈك تازا بولسۇن دە. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار. ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى ئىپلاس بولماس. كىر يەڭنى يۇغانسېرى كىر چىقار. مەينەت قولۇڭنى تازا ئاشقا سۇنما. قاسماق قايناتمىغۇچە ئېرىمەس. توڭرا توڭدىن يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تازا، پاك، ئېرىغ، مەينەت ئەمەس.
پاكىز سۇ، پاكىز چىنە.
تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان، ئۆزىنى پاكىز تۇتىدىغان.
پاكىز بالا. پاكىز ئايال.
كۆچمە. ۋىجدانلىق؛ پاك؛ توغرا؛ ئادىل.
قىز دېمەك بولۇر پاكىز، پاكىزلىق دېمەككىم قىز.
رەۋ. قالدۇرماي، پۈتۈنلەي، تامامەن، تولۇق، تەلتۆكۈس.
يولدىكى قارلار پاكىز سۈپۈرۈۋېتىلدى.